مەكتەپ ھەققىدە

كامىي ياما ئىنىستىتوتى جۇڭگۇ-ياپۇنىيە دوسلۇق ھەمكارلىىقىدىكى مائارىپ نەشىرىياتى ئۇيۇشمىسى بولۇپ، قۇرۇلغاندىن بۇيان مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغىللىنىش جەريانىدا توختىماي تىرىشىش، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش روھىنى ئۆزىنىڭ قىلبىنامىسى قىلىپ كەلدى .كامىي ياما ئىنىستىتوتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەرقايسى مائارىپ تارماقلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتنى ساقلاپ ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ ماس كېلىدىغان ئۈگىنىش، تۇرمۇش مۇھىتى بىلەن تەمىنلىمەكتە. كامى ياما ئىنىستىتوتى ناگويا شەھىرىنىڭ ئەڭ ئاۋات قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ موھىتى گۈزەل، قاتنىشى قولايلىق، بىرتەرەپتىن ئوقۇپ، بىرتەرەپتىن ئىشلەشكە بەك ماس كىلىدۇ. تەجىربىلىك تەلەپچان ئوقۇتقۇچىلار دەرس بىرىدىغان بولۇپ، دەرىس شەكلى تەتقىقات تۈرىنى تاماملاش شەكىلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىككىنچى بىر تىلنى ئۈگىنىشتىكى ئەڭ ياخشى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن ئەڭ يېڭى تىل ئۈگىنىش نەزىرىيىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ. ئىنىستىتۇت پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش تۈزۈلمىسى بۇيىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، يىتەرلىك ئۈگىنىش ۋاقتى بىلەن تەمىنلىگەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ياپۇن تىلى ئېغىزتىلى مەشىق دەرىسلىرىنى ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېزلا ياپۇنىيگە ۋە ياپۇن مەدىنىيىتىگە بولغان تونۇشى ۋە ئۆز-ئارا ئالاقىسىگە قولايلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ. ئىنىستىتوت يەنە ئىنگىلىزتىلىنى موھىم دەرىس قاتارىغا كىرگۈزگەن بولۇپ ئانا تىلى ئىنگىلىزتىلى بولمىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس دەرىس قىلىپ ئۆتىلىدۇ. كامى ياما ئىنىستىتوتى يەنە ھەرخىل ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلغان بولۇپ، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلتىماس قىلىشقا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقايەنە ئوقۇشتىن سىرىت ئىشلەشكە بولۇپلا قالماستىن يەنە ئىنىستىتوت خىزمەت قىلىش ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش، خىزمەت تېپىش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەمدە بولىدۇ.

ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ھەققىدە

ئورخۇن چەتئەل تىلى تەربىيلەش مەركىزدە ئۇزۇندىن بېرى دەرس ئۆتۈپ كېلىۋاتقان تەجىربىلىك، تەلەپچان ياپۇن تىلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ياپۇنىيەدىكى تىل مەكتەپلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن، ئالاھىدە ئوقۇتۇش مىتوتىغا ئىگە مەنسۈر مۇئەللىم ۋە چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئۈنۈملۈك، مۇنتىزىم بولغان ياپۇن تىلى سىنىپى ۋە ياپۇن تىلى ئۈگىنىش مۇھىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. ياپۇن تىلى ئۈگىنىش ۋە ياپۇنىيىگە چىقىپ ئۆرلەپ ئوقۇشىڭىز ئۈچۈن مەركىزىمىز ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ.


مەركىزىمىزنىڭ ياپۇن تىلى سىنىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى:
1. چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىلار ھەپتىدە بىرقېتىم ئېغىزتىلى كۈچەيتىش دەرسى ئۆتىدۇ
2. كۈچلۈك پائالىيەتچانلىققا ئىگە
3. ئوقۇتۇش مېتوتى ئەڭ جانلىق، ئەڭ ئۈنۈملۈك
4. ھەرھەپتىدە بىر قېتىم كىنو دەرسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان
5. دەرس ئاڭلاش، يېزىش، ئېغىزتىلى يۈكسەك بىرلەشتۈرۈلگەن

مۇلازىمىتىمىز

1. ياپۇن تىلى بويىچە نۇقتىلىق تەربىييلەش

2. بىر تۇتاش ياپۇن تىلى ئىمتىھانىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇش

3. ۋاكالىتەن ياپۇنغا چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىش

4. ياپۇنغا چىققۇچىلار ئۈچۈن ئەتراپلىق مەسلىھەت بىىرىش

مەكتەپ ئىكرانى

پائالىيەتلەر

ئالاقىلشىڭ

گۈلباھار مۇئەللىم: 13009658657

مەنسۇر مۇئەللىم: 13201203943

ئىشخانا: 0991-2886193

ئىشخانا: 0991-2886194

ئىتتىپاق يولى ئېلىكتىرون سارىيى 2-قەۋەت 6-ئوتتۇرا ئۇدۇلىدا